ئەرلەر راستتىنلا گىرىم قىلـمىغان ئاياللارنى ياقتۇرامدۇ ؟

2015年04月16日 AUBAZAR澳洲购物




كورىيەنىڭ مەلۇم بىر گېزىتى 20 ياشتىن 39 ياشقچە بولغان ئەرلەرنى زىيارەت قىلىپ گىرىم قىلغان ئاياللارنى ۋەياكى قانداق گىرىم قىلغان ئاياللارنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كۆپلىگەن ئەرلەر قېنىق گىرىم قىلىۋالغان ئاياللارنى ياقتۇرمايدىغانلىقى، سۇس گىرىم قىلغان ۋەياكى كۆزى گىرۋىكىگە قارا سىزىۋالغانلانى ياقتۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.


1- ئەرلەر ھېس قىلغان ئەڭ جەلىپكار كالپۇك.

(1) لەۋ سۇرۇخ سۈرگەندىن كېيىن ناھايىتى سىلىق كۆرىنىدىغان كالپۇك، 64.5 % ئەر كىشى ئەڭ جەلىپكار دەپ قارىغان.

(2) شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ سۈركىگەن، نېپىز كالپۇك، 23.5% ئەر كىشى ئەڭ جەلىپكار دەپ قارىغان.

(3) قىزىل تەبئىي كالپۇك، 9%ئەر كىشى ئەڭ جەلىپكار دەپ قارىغان.




ئەرلەر ئۈمىد قىلىدىغان قىزلارنىڭ چاچ پاسونى

(1)ئۇزۇن بۈدۈر چاچ ، 41.5% ئەرلەر قىزلارنىڭ چاچ پاسونى مۇشۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلغان.

(2)ئۈزۈن تۈز چاچ، 39.6% ئەرلەر قىزلارنىڭ چاچ پاسونى تەبئىي تۈز بولىشىنى ئۈمىد قىلغان.

(3)قىسقا چاچ، 11.5% ئەرلەر قىزلارنىڭ چاچ پاسونىنىڭ قىسقا بولىشىنى ئۈمىد قىلغان.

3-ئەرلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان تېرە رەڭگى

(1) سۈت رەڭ تېرىلىك ئاياللار، 66% ئەرلەر سۈت رەڭ تېرىلىك ئاياللارنى ياقتۇرىدىكەن.

(2) بۇغداي رەڭ تېرىلىك ئاياللار، 15% ئەرلەر بۇغداي ئۆڭ ئاياللارنى ياقتۇرىدىكەن.

(3) سۈت رەڭ بىلەن بوغداي رەڭلىك تېرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلاش رەڭ تېرىلىك ئاياللار، 11% ئەرلەر ياقتۇرىدىكەن.


4-ئەرلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئاياللارنىڭ گىرىمى

(1) ئەسلى تېرىسى رەڭگىدىن ئازراقلا ئاقارتقان گىرىم، 38.5% ئەرلەر ياقتۇردىكەن.

(2) پەقەتلا BBئاقارتىش مېيىلا سۈركىگەن ئاياللار، 35% ئەرلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدىكەن.

(3)ئازراق قىزىل رەڭ تۈسىنى ئالغان گىرىم قىلغانلار 18.5% ئەرلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.

5-ئەرلەرنى ئەڭ سەسكەندۈرىدىغان گىرىملار

(1) تېرىسىنى ھەددىدىن زىيادە ئاقارتىپ گىرىم قىلغانلار 48% ئەرلەر قەتئىي ياقتۇرمايدىكەن.

(2) قېنىق رەڭلىك لەۋ سۈرۈخ سۈركىگەنلەر يەنى كالپۇكى ھايۋانات مېيىغا ئوخشاپ كېتىدىغان لەۋسۇرۈخ ئىشلەتكەنلەر 19% ئادەم بۇنداقلارنى كۆرسە يىرگىنىدىكەن.

(3) قېنىق گىرىم قىلغانلار 12.5% ئادەم بۇنداقلارنى كۆرسە ساغلام بولغان كەسىپ بىلەن شۇغۇنلانمايدۇ دەپ قاراپ، سەكىنىدىكەن.(ئەلكۈيى تورى)




收藏 已赞