چاچقا قاراپ ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى بىلىۋىلىڭ

2015年04月22日 AUBAZAR澳洲购物



چاچقا قاراپ ئەرلەرنىڭ مىجەز - خۇلىقىنى بىلىش


بىر ئادەمنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى ۋە سۈپىتىگە قاراپ ئۇنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بىلگىلى بولىدۇ.👨

چېچى ئاتنىڭ قىلىدەك توم ھەر يىرىك، قويۇق كىشىلەر ئىش قىلسا بېرىلىپ قىلىدۇ، ئۇلار جاسارەتلىك، رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردۇر، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇنداق ئادەملەر «مۇھەببەت» نىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.

👨

چېچى توم، رەڭگى سۇس، چېچى يىرىك لېكىن شالاڭ كىشىلەر تەرسا ھەم ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغان، باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ئامراق، قورسىقى تار كىشىلەردۇر. بۇنداقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بىر ئىشلارنى ئەپلەشكە ئۇستا كېلىدۇ.

👨

چېچى توم، قارا، قويۇق، يۇمشاق، يىپەكتەك كىشىلەر مىجەزى ياخشى، ئويۇنكەش، جاپا تارتىشنى خالىمايدىغان، كىشىلەرنىڭ رايىغا باقىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ساياھەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ بولالايدۇ.

👨

چېچى يۇمشاق بولغان بىلەن شالاڭ كەلگەنلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، ھە دېسىلا باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپلا يۈرىدىغان، شۇنداقلا ھاكاۋۇر، ئۆزىنى بەك چوڭ تۇتىدىغان، بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلالايدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىپەرۋا، ئۇنۇتقاق كىشىلەردۇر.

👨

چېچى يۇمشاق ئەمما قويۇق، ماي سۈركەپ تۇرسىمۇ رەتلىك تارالمايدىغان كىشىلەر خاراكتېرى ئاجىز، ئوڭايلا قىزىرىدىغان، قانداقلا ئىش قىلمىسۇن ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلەميدىغانلاردۇر.

👨

چېچى قويۇق ھەم دانلىق، تەبىئى سېلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە سېمىزراق بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، ئىشىق - مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇنداقلار كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولالايدۇ.

👨

چاچ - ساقىلنى تۇتۇشۇپ كەتكەن، يىرىك ھەم قويۇق چاچلىق كىشىلەر كېلىۋارا، ئەركىن - مەردانە، مەرد، ئوشۇق - تۆشۈك ئىشقا ئارىلىشىشقا ئامراق.

👨

چېچىنىڭ رەڭگى سۇس، شالاڭ، لېكىن دانلىق، يىرىك كىشىلەر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۇغما ناتىق كىشىلەردۇر، ئۇلار پايدا ئالساملا دەيدۇ، زىيانغا چىدىمايدۇ.

👨

چېچى قويۇق، يۇمشاق، تەبىئىي تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدىغان كىشىلەر جىمغۇر، خىيالچان، چىداملىق بولۇپ، سەنئەتكار ئالىملار مۇشۇ خىلدىكى چېچى بار ئادەملەردىن كۆپ چىقىدۇ.

👨

چېچى بۈدرە قىلغاندەك ئىچىگە قايرىلىپ تۇرىدىغانلار مىجەزى ئىتتىك، ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىنىنىڭلا غېمىدە يۈرىدىغان، گۇمانخور كىشىلەردۇر.

👨

چېچىنىڭ تۈۋى يىغىلىۋالالىدىغان، ئۇچى تەرىپى تۈز كەلگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ تۇرىۋالىدىغان، نەزىرىدە ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق، باشباشتاق، باغرى تاش، زوراۋان كىشىلەردۇر.👨

قارا چېچىنىڭ ئارىسىدا قىزىل چاچلار بار كىشىلەر ئىسراپخور، يات جىنىسلاردىن دوست تۇتۇشقا ئامراق، جىنىسىي تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك كىشىلەر بولۇپ، ئاياللار دىقەت قىلىشقا تېگىشلىك خەتەرلىك كىشىلەردۇر.👨

بېشىنىڭ كەينىدىكى چېچى ئاق - قارا ئارىلاش كەلگەن كىشىلەر غەمكىن، ھېسسىياتچان؛ بىردەم خۇشال بولسا، بىردەمدىلا غەمگە پېتىپ كېتىدىغان، ئۆزىنى - ئۆزى ئىشقى - مۇھەببەتلىك ھېسابلايدىغان، ئۇخلىغاندا جۆيلۈيدىغان كىشىلەر بولۇپ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇلاردا نېرۋىسى ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار.


收藏 已赞