قان ئازلىققا سەل قارىماڭ

2015年03月31日 AUBAZAR澳洲购物



تۆمۈر بولسا ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئىلمېنت. بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ كۆپىنچىسى قىزىل قان ئاقسىلىدا بولۇپ، بەدەننىڭ ھەممە ئورگانلىرىغا ئوكسىگېن يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت جىگەر، تال ۋە يىلىك قاتارلىق ئەزالاردا تۆمۈرنىڭ زاپاس مىقدارى ساقلىنىدۇ.

تۆمۈر كەملىك دىگىنىمىز تاماقتا بەدەنگە يىتەرلىك تۆمۈر ماددىسى بولمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان كىسەل بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كىسەللىكىدۇر. ئامرىكىدا 1 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ 9 پىرسەنتىدە تۆمۈر كەملىك كىسىلى ياكى بەدىنىدە تۆمۈر زاپاس مىقدارى يېتىشمەسلىك بار

تۆمۈر كەملىكتىن كىلىپ چىققان قان ئازلىق دىگىنىمىز، تۆمۈر كەملىك سەۋەبىدىن بەدەندىكى قىزىل قان دانچىلىرى نورمالدىن ئازلاپ كېتىش، ياكى ئوكسىگىن توشۇيدىغان قان ئاقسىلى ئازلاپ كېتىش. دۇنيا نوپوسىنىڭ 3 تىن بىر قىسمىدا تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كىسىلى بار.

بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلار، ۋە ئاپىسى ھامىلدار بولغاندا قان ئاز بولۇپ قالغان بالىلاردا تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق بالىلار ئېيىغا توشماستىن بۇرۇن قىزىل قان دانچىسى سالمىغان بولسا چوقۇم تۆمۈر ماددىسى بىلەن كۈچەيتىلگەن بوۋاقلار سۈت پاراشوگى بېرىش، ياكى ئانا سۈتى ئەمگەن بولسا ئايرىم تۆمۈر ۋە ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى ئىشلىتىش كېرەك.

ۋاقتى توشۇپ تۇغۇلغان بالىلار مەيلى ئانا سۈتى ئەمسۇن ياكى سۈت پاراشوگى ئەمسۇن، 6 ئايغىچە تۆمۈر كەمچىل بولمايدۇ. لېكىن ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلار 4 ئايلىق بولغاندىن كېيىن چوقۇم قوشۇمچە يىمەكلىك يىگەندە تۆمۈر مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى يىيىشى كېرەك، بولمىسا تۆمۈر كەملىك ياكى قان ئازلىق كىسىلى بولۇپ قالىدۇ.

بوۋاقلار چوقۇم 12 ئايلىق بولغىچە ئانا سۈتى ياكى بوۋاقلار سۈت پاراشوگى بىلەن بېقىلىشى، 1 ياشتىن بۇرۇن كالا سۈتى ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى كالا سۈتىنىڭ تەركىۋىدە تۆمۈر مىقدارى ئاز بولۇپ ئاسانلا كەملىك يۈز بېرىدۇ.

بالىلار 1 ياشتىن كېيىن تامىقىدا چوقۇم قوي، كالا گۆشى، پۇرچاق، يېشىل كۆكتات، ۋە تۆمۈر ماددىسى بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن بۇلماق قاتارلىق تۆمۈر مول يىمەكلىكلەر بولىشى كېرەك.

قان ئازلىقنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىسى

تېرىسى، كالپۇكى، تىرناقلىرى ۋە ئالقانلىرى ئاقىرىپ كېتىش.

ماغدۇرسىزلىنىش، تولا ئۇخلاش.

ئىشتىھاسى ناچارلاش.

يۈرەك سوقىشى تىزلەش.

غەيرى نەرسىلەرنى يەيدىغان بولۇپ قېلىش (لاي، چالما، سىر، تامنىڭ سويۇلۇپ چۈشكەن قالدۇقلىرى قاتارلىقلار)

نورمال ئالقان ۋە تۆمۈر كەم بولغان ئالقاننىڭ رەڭگى

دىئاگنوز قويۇش

تۆمۈر كەمچىللىكنىڭ بالىلاردا زىيىنى چوڭ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىرى زور بولغاچقا ئامرىكا بالىلار ساغلاملىقى ئاكادېمىيەسى ھەر بىر بالا 1 ياشقا كىرگەندە دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۆمۈر كەم بولۇپ قالىدىغان ئامىللارنىڭ بار يوقلىقىنى ئېنىقلاش ۋە قان تەكشۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

دىئاگنوز قويۇشتا تۆمۈر كەم بولۇپ قالىدىغان ئامىللارنىڭ بار يوقلىقىنى سوراش، يۇقارقى تۆمۈر كەملىك ئالامەتلىرىنىڭ بار يوقلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر گۇمان بولسا قان تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك.

ئۇنىڭدىن سىرت ھەر قانداق بالا ھەرقانداق ياشتا تۆمۈر كەملىك ئالامەتلىرى بولسا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ ئېنىقلاش كېرەك.

ئەگەر بالىدا تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالامەتلىرى ۋە قان ئازلىق بولسا داۋالاشنى باشلاش كېرەك. ئەگەر قان كەملىك يېنىك دەرىجىدە بولسا تۆمۈر ماددىسى مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشلا كۇپايە، ئەگەر ئېغىرراق بولسا ئۇنىڭدىن سىرت دورا بىلەن داۋالاش كېرەك.

داۋالىغاندا بالىنىڭ يېشىغا ماس كىلىدىغان تۆمۈر سۇيۇقلىقى ياكى تابلىتكا دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. مىقدارى كۈنىگە بالىنىڭ ھەر بىر كىلوگىرام ئېغىرلىقىغا 6 مىللىگىرام تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش كېرەك.

تۆمۈر تولۇقلىغاندا ۋىتامىن س مول بولغان يىمەكلىكلەر (مەسىلەن ئاپلىسىن سۈيى) ياكى ۋىتامىن س تابلىتكىسى بىلەن بىللە ئىستىمال قىلسا تۆمۈرنىڭ ياخشى سۈمۈرىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. سۈت بىلەن تۆمۈر تولۇقلىغاندا تۆمۈرنىڭ سۈمۈرىلىشىگە پايدىسىز.

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاش ۋە كۈزىتىش

يۇقارقىدەك 4 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە داۋالىغاندا قان تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر داۋالاش ئۈنۈملىك بولسا قان تەكشۈرگەندە قىزىل قان ئاقسىلى 10 گىرام يۇقىرىلىشى كېرەك. ئەگەر يۇقىرىلىمىسا داۋاملىق ھالدا قان ئازلىق ۋە تۆمۈر كەملىكنىڭ باشقا سەۋەپلىرىنى ئىزدەش كىرەك

Floradix 铁元果蔬营养滋补液 500m

商品详情

【产品名称】Floradix 铁元果蔬营养滋补液 500ml

【英文名称】Floradix Floravital Herbal Iron Extract 500ml

【产品规格】500ml,玻璃瓶装

【产地】德国

【产品功效】补充铁质,帮助孕妇产后排毒,舒缓女性经期不适,消除疲劳,补充体力,改善睡眠,使脸色红润,改善手脚冰凉,提升注意力等

【产品适用】妇女(包括孕妇和哺乳的妈妈),男士,处于生长期的孩子,饮食中缺少天然铁和维生素的人士

【服用方法】餐前服用,请用前摇匀,1-5岁儿童:每日1次,每次5ml, 6-12岁儿童,每日最多三次,每次5ml,13岁以上及成人,每日两次,早晚餐前各10ml

注意:每次使用后请立即改好瓶盖,并放入冰箱冷藏,开封后四周后用完。

【产品成分】

纯天然有机铁,含草本精华,酵母菌,美味水果和蜂蜜,无防腐剂,无酒精

每10毫升含:

铁..........7.5 mg

维生素B1..... 0.8 mg

维生素B2..... 0.9mg

维生素B6 .... 0.4mg

维生素B12 ... 0.6 mcg

Folic acid叶酸... 100 mcg

维生素C (Ascorbic acid) ... 10.0 mg

5.95克复合水提物:

Spinach菠菜

Nettles荨麻

Ocean kelp海带

Quitch roots 冰草根

Fennel茴香

Carrots胡萝卜

Orange peel桔皮

African mallow blossom非洲锦葵花

Angelica roots当归根

Rosehip aqueous extract 0.1 g rosehip水提物0.1克

Wheat germ aqueous extract 0.02 g小麦胚芽水提物0.02克

Honey 0.42 g蜂蜜0.42克

3.24 g Fruit Concentrates of: ---3.42g水果浓缩:

Red grapes红葡萄

Black currants黑葡萄干

Pears梨

Blackberries黑莓

Cherries樱桃

Oranges橘子

Beetroot甜菜

【注意事项】

1.某些药品和饮料,如茶及咖啡,会影响对铁的吸收,所以在服用本品时在一小时内不要服用茶及咖啡。

2.服用本品和其它含铁的产品一样,可能会导致大便发黑。 这种变色是完全无害的。

3.本品可以稀释在果汁或水中服用。

4.坚持服用一段时间后就会有一个良好的效果。

5.由于本品不含酒精和防腐剂,开瓶后需冰箱冷藏并在4周内服完。

6.体内有过多的铁的人不要服用本品。



收藏 已赞