ناۋاتتەك نەسىھەتلەر

2015年03月16日 AUBAZAR澳洲购物




1. سۇنى كۈپرەك ئىچىڭ.

2.ناشتىنى پادىشاھتەك،چۈشلۈك تاماقنى بەگدەك،كەچلىك تاماقنى قەلەندەردەك يەڭ.

3.دەرەختە ئۈسكەن، يەردە ئۈنگەن ئاللاھ ھەممىنى تەڭشەپ سىزگە تەييارلاپ بەرگەن يىمەكلىكنى كۈپرەك يەڭ.ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان،زاۋۇتتا ياسالغان يىمەكلىكلەرنى ئازراق يەڭ.

4.ئىنىرگىيە، ھىسىيات، قىزغىنلىقتا ئوتتۇرھاللىقنى ساقلاپ ياشاڭ.

5.مىڭىنى دەم ئالدۇرىدىغان كۈڭۈل ئاچىدىغان ساياھەتلەرگە كۈپرەك بىرىڭ.

6.كىتاپنى كۈپ ئوقۇڭ.سىزگە بىرىنجى ئەسقىتىدىغىنى ئىمان. ئىككىىنجى ئەسقىتىدىغىنى بىلىم. قەسەم قىلاي........

7.ھەركۈنى نامازدىن كىيىن ئون مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ ئويلىنىڭ.

8.يەتتە سائەت تولۇق ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ.

9.كۈنىگە كەم دىگەندە يىرىم سائەت ئۈزىڭىزگە گەپ قىلغاچ كۈلۈپ مىڭىپ بىرىڭ.

خاراكتىر جەھەتتە:

1. باشقىلارنى ئۈزىڭىزگە سىلىشتۇرماڭ.سىز باشقىلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ قايسى ئۈتىڭىدە ئىكەنلىكىنى مەڭگۇ بىلمەيسىز.ھەممە ئادەمنىڭ دەردى بار..

2.كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئۈچۈن ئارتۇقچە ئويلاپ ئۆزىڭىزنى قىينىماي. قىلغىلى بۇلىدىغان ئىش ئۈچۈن كۈپرەك باش قاتۇرۇڭ.ھازىردا ياشاڭ.ھازىرنى كونتىرول قىلىڭ.

3.ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھاللىقنى ساقلاڭ.ئاشۇرۋەتمەڭ.دىنىمىز ئوتتۇرھاللىقىنى تەكىتلەيدىغان ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرىدىغان دىندۇر.

4.ھەممە ئىشتا ئەستايىدىل بۇلۇپ بەك ئۈزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قۇيماڭ. كۈزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسسىسىدن ئايرىماپتۇ..... ئىنساننىڭ تەبىئىتى شەخسىيەتچىلىك.

5.غەيۋەت ئەپقاچتى گەپلەرگە قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئىنىرگىيەرىڭىزنى سەرپ قىلماڭ. ئىت قاۋاۋىرىدۇ. كارۋان يولىغا مىڭىۋىرىدۇ. ئىسىڭىزدە بۇلسۇن ئاق پاختىغا ئەڭ ئاسان كىر يۇقىدۇ...

6.ئويغاق چىغىڭىزدا چۈشنى كۈپرەك كۈرۈڭ.ئىرىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇنى ئارزۇ قىلىش. ئويلىيالمىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلغىلى بولمايدۇ. ئۈزىڭىزنىڭ ئارزۇسىدىن ھەتتا ئۈزىڭىز قورققۇدەك دەرىجىدە ئارزۇ قىلىڭ. سىز ئاجىز لىكىن سىزنى ياراتقان ئىگىڭىز ھەممىگە قادىر...ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ لا ئەمەس ئاشۇرۇپ قىلالايدۇ....

7.ھەسەتخۇرلۇق، كۈرەلمەسلىك ۋاقىت ئىسسىراپچىلىقى.سىز باشقىلانىڭ ئىرىشكىنىدىن كۈڭلىڭىزنى يىرىم قىلماي ئېرىشىش ئىمكانىيتىڭىز بار ئىشلارنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىقىڭىزدىن كۈڭلىڭىز يېرىم بولسۇن. سىز باشقىلار بىلەن بەسلەشمەڭ.باشقىلار بىلەن ئۈزىڭىزنى سىلىشتۇرماڭ. سىز ئۈزىڭىز بىلەن بەسلىشىڭ.تۈنۈگۈنىڭىز بىلەن بۈگۈنۈڭىزنى سىلىشتۇرۇك.

8.كونا خاماننى سورىماڭ. ئۈتكەنگە سالاۋات..ئۈتكەن ئىشنى تىلغا ئىلىپ ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى رەنجىتمەڭ. بۇ پەقەت ھازىرقى بار خوشاللىق ياخشىلىقنى يوق قىلىشتىنلا ئىبارەت.

9.يەتتە كۈنلۈك ئالەمدە باشقىلارغا ئۈچمەنلىك ساقلاپ ۋاقىت ئىسسراپ قىلماڭ. باشقىلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۈرۈڭ شۇندىلا يامان تەرىپى سىزگە كۈرۈنمەي قالىدۇ.

10.كەچمىشلىرىڭىز ھازىرىڭىزنى يالماپ يۇتىۋىلىشىغا روخسەت قىلماڭ.ھەر بىر كەچمىشىڭىزنى قۇلۇپ سىلىپ ھازىرىڭىزغا كىرەلمەيدىغان قىلىڭكى ھازىردىكى پۈتكۈل نىمەتلەردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ كەلگۈسىنى يارىتىڭ.سىزگە تىگىدىغان نەخ پايدا شۇ....

11.ھىچكىم سىزدىكى ئاللاھ ئاتا قىلغان خوشاللىق بەخىتنى تارتىۋالالمايدۇ. سىزدىن باشقا.......

12.ھاياتنى مەكتەپ ،ئۈزىڭىزنى توختىماي ئۈگۈنىۋاتقان ئوقۇغۇچى دەپ بىلىڭ. توسالغۇ قىيىنچىلىقلارنى ئالگىبرا دەرىسىدىكى قىيىن بىر مەسلە دەپ بىلىپ ئۇنى ھەل قىلىڭ. ئۇنى ئاغرىنىش،چۈشكۈنلۈك بىلەن ھەل قىلغىىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ.

13. كۈلۈڭ،قاقاقلاپ كۈلۈڭ.ئۈلەپ كىتىدىغان جاھانغا نىمە شۇنچە ئىغىر ياشاپ جىنىمىزغا ئىكەگ سالىمىز.كۈلۈش ئىمكانىيتى بولسا قولدىن بەرمەڭ.سەۋەپسىز كۈلۈڭ.

كىشلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە:

1. ئۈيدىكىلەرگە،ئۇرۇق توققان دوس يارەنلەرگە تىلڧۇن قىلپ تۇرۇڭ.قەسەم قىلاي ئۇلار چوقۇم خوش بۇلىدۇ.

2.ھەركۈنى باشقىلارغا كىچىڭ بۇلسىمۇ ياخشىلىق قىلىپ قۇيۇڭ. ھىچ بۇلمىسا باشقىلار ئۈچۈن دۇئا تىلەكلارنى قىلىپ قويۇڭ.

3.باشقىلارنى كەچۇرۇڭ.ئىنسان بالىسى خام سۈت ئەمگەن...سىزمۇ ھەركۈنى خاتالىق ئۈتكۈزۈپ تۇرىسىزغۇ! ھەممە ئادەم خاتالىق ئۈتكۈزىدۇ.ھەرقانداق ئىشتا ھەرقانداق ئادەمنى كەچۈرۋىتىڭ.

4.ياشانغانلارغا، بالىلارغا ۋاقتىڭىزنى كۈپرەك ئاجرىتىڭ.ئۇلار سىزگە مۇھتاج. ئۇلار سىزنى بەك چوڭ بىلىدۇ. ئۇلارغا سىزنىڭ ھەممە ئىشىڭىز شۇنچىلىك قىممەتلىك.

5.تۇنۇمايدىغان كىشلەرگىمۇ سالام قىلىپ كۈلۈمسىرەك. بەك خوش بۇلىدۇ. ئەمما....ساۋاپ بۇلىدۇ..

6.باشقىلارنىڭ سىز توغرىسىدا نىمىلەرنى دىيىشى سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۇلار مەڭگۈ شۇنداق دەۋىرىدۇ....

7.كىسەل بۇلۇپ قالغىنىڭىزدا ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدىغىنى سىز ئەمەس. بەلكى ئەتراپىڭىزدىكى يىقىنلىرىڭىز. ئۇلارغا كۈڭۈل بۇلۇڭ. ئۇلارنى قەدىرلەڭ.

ھايات جەھەتتە:

1. توغرا ئىش قىلىڭ. خاتا ئىشنى توغرا قىلماڭ.

2. ئەرزىمەس، ئەھمىيەتسىز،كۈڭلىڭىز كۈتەمەيدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ. تورمۇشىڭىزدىن ئۇلارنى تەل تۈكۈس يوق قىلىڭ. ئۇلار ئەھمىيەتلىك گۈزەل ئىشلار تۇرىدىغان جاينى ئىگەللىۋالىدۇ.

3. ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كەتسۇن ياكى ناچار بۇلسۇن، ھەممىسى ئۈزگىرەيدۇ.پەلەك توختىماي چۈرگىلەپ تۇرىدۇ.چۈشكۈنلەشمەڭ. تىرىڭىزگە پىتىپ يۈرۈڭ. (ھاكاۋۇر بولماڭ)

4. مەيلى قانداق ئىش بۇلۇپ كەتمىسۇن. ئورنىڭىزدىن قوپۇپ چىرايلىق كىيىمىڭىزنى كىيىپ بىشىڭىزنى كۈتۈرۈپ يۈرۈڭ.

5. ئالدىمدا ياخشىلىق بار، ئاللاھ ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ. دەپ بىر نەچچە قىتىم كۈلۈمسىرەڭ. ئاجايىپ پايدىلىق مەن سىناپ باققان....

6. باي ئادەملەرگە قاراپ ھەۋەسلەنمەي. دائىم خوشال يۈرۈيدىغان ئادەمگە ھەۋەسلىنىڭ. خوشال يۈرۈيدىغان ھۈنەرلىدىن ئۈگىنىپ خوشال يۈرۈشكە تىرىشڭ. ئۈلۈپ قالىدىغان جاھانغا نىمانچە ئىچىمىزنى پۈشۈرۈپ ياشامىزا...


收藏 已赞