تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاپ ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىسى

2015年03月27日 AUBAZAR澳洲购物





تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى

بىلىمخۇمار

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى

مەن بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھېچ قانداق كىتاب يوق بىر دەۋردە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم. مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان بالىلار كىتابىغا ئېرىشكەن ۋاقتىم تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققان 1967-يىللىرى بولۇپ، ئۇ چاغدا «قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە» دېگەن بىر بالىلار كىتابى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلدى. ئۇ كىتاب ئاقسۇدىكى كىتابخانىغا سېلىنغان ھامان (ئۇ چاغدا ئاقسۇ شەھىرى بويىچە پەقەت بىرلا كىتابخانا بار ئىدى) مەن ئۇنى ئۆزۈم يىغقان پۇل بىلەن سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكىمدىن، ئۇنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمغىمۇ تەشۋىق قىلدىم، ھەمدە 15 تەك بالىدىن پۇل يىغىپ، كىتابخانىدىن ئۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، ساۋاقداشلىرىمغا تارقىتىپ بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەن كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن قىزىققان بولساممۇ، ئۆز يېشىمغا ماس كېلىدىغان كىتابلار ئاساسەن يوق ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بىزگە بىكارغا تارقىتىلىپ بېرىلگەن ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرى بىلەن لۇشۈن ئەسەرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئوقۇپ چىققان ئىدىم.

تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى (بىلىمخۇمار)

مەن ياپونىيىدە ئىككى يېرىم يىل ۋە ئامېرىكىدا 25 يىلدىن كۆپرەك ياشاش جەريانىدا، ھەمدە ياۋروپاغا ساياھەتكە بارغان ۋاقىتلاردا تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. ھەمدە بۇنداق ئادەتنىڭ بالا تېخى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانا تەرىپىدىن يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى، بالىلار باشلانغۇچقا كىرمەستىنلا ئاخشىمى كىتاب ئوقۇمىسا ئۇخلىمايدىغان بىر ئادەتنى يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن ئەسلىدە ئالدىنقى 3 قېتىم تەييارلىغان ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى يازمىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە بىر يازما تەييارلاشنى ئويلىغان ئىدىم. شۇ چاغدا ئېسىمگە مۇنداق بىر ئىش كېلىپ قالدى: بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن بىر بالامنى مەكتەپتىن ئەكېلىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر ھامىلىدار ئاق تەنلىك ئايالنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قورسىقىدىكى بالىسىغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئايال ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ئوچۇق ئاۋازدا، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن، بىر قولىدا كىتابنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا كىتابتىكى مەزمۇنلارغا ماسلاشتۇرۇپ ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۈگۈن تورغا «قورساقتىكى بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىسى» دېگەن ئىبارىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقتىم. نەتىجىدە بۇ ھەقتىكى ئىنگلىزچە ماتېرىياللار خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن مەزكۇر يازمىدا ئاشۇنداق ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن [1-2]. كېيىنكى يازمىدا تۇغۇلۇپ بولغان بالىدا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىمەن.

مەن ئالدىنقى 3 پارچە ماقالىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ مەزمۇنىدىن [3-5]، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئۆيىدە كىتاب ئوقۇغۇدەك ۋاقىت ئاساسەن يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تاپشۇرۇق ئىشلەشكە سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدىم. لېكىن، مەزكۇر تېما ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمەي زادىلا تۇرالمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، ھازىر ئامېرىكىدا تاماكا چېكىشنىڭ راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقات قايسى دەرىجىدە كۈچلۈك ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسا، بالىغا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىمۇ ئوخشاش دەرىجىدە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك تەشۋىق قىلىنىدۇ. مەن بىر مىللەتنىڭ بالىلار تەربىيىسىنى مانا مۇشۇنداق تۇتماي تۇرۇپ، ۋە مۇشۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ، تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگە قانداق يېتىشىۋالالايدىغانلىقىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلغاچ تۇراي. يەنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتا-ئانىلارغا بالىلارغا كىتاب ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. بۇ ساھەدە قانداق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشنى ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلىرى قارار قىلسۇن.

1. نېمە ئۈچۈن تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىش كېرەك؟

مەن ئەمدى تۆۋەندىكى 1-مەنبەنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن.

يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قورساقتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىغا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ تەسىرلەرنىڭ بىرى، قورساقتىكى بوۋاقنىڭ تىلنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى قوبۇل قىلىشىدۇر. شۇنداقلا قورساق كۆتۈرۈش مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى 3 ئاي ۋاقتىدا ھەر كۈنى رىتىملىق ۋە قايتىلاپ ھېكايە ئوقۇپ تۇرغاندا، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىنى تىنچىتىش رولىنى ئوينايدۇ (soothe your baby). قورساقتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە، بالا ئاپىسىنىڭ ياكى ئۆيىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇنداقلا تۇغۇلمىغان بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىنىڭ چۈشىنىش قابىلىيىتى (cognitive growth) نى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ.

سىز ھەر قېتىم قورسىقىڭىزدىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە، سىز ھېسسىيات جەھەتتە بالىڭىز بىلەن بىر كۈچلۈك باغلىنىش شەكىللەندۈرىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىزنىڭ ئۆزگىچە ئاۋازىڭىز بالىڭىزغا ئاستا-ئاستا تونۇشلۇق بولۇپ قالىدۇ. بالىنىڭ دادىسى، ئاكىسى، ھەدىسى، ھەمدە چوڭ-ئاپا ۋە چوڭ-دادىلىرىمۇ تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بالىغا يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بەرسە بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بۇرۇن ئاڭلاپ باققان، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا تېزلا كىرىشىپ كېتىدۇ. بالىڭىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن باشلانغان مۇشۇنداق ھۇزۇرلۇق، كىتاب ئوقۇشنى مەركەز قىلغان بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇش جەريانى بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋام ئېتىدۇ.

2. تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاق بىلەن مېھرى-مۇھەببەت ئورنىتىش

تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىسپاتلىغان يەنە بىر ئىش بار [2] بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقتا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆيۈمىنى سېزىدىغان ھېسسىي (emotional) ۋە تۇغما (intuitive) قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. پەرزەنت تەربىيىلەش مۇتەخەسسىسى لۇمىنار روسېن (Luminare Rosen) نىڭ دېيىشىچە، «تۇغۇتتىن بۇرۇنقى بالىلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا كۆرۈش، ئاڭلاش، ھېس قىلىش، ئەستە تۇتۇش، تېتىش ۋە ئويلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ.»

يەنە بىر مۇتەخەسسىس، مارىلې خارتلىڭ (Marilee Hartling) نىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن دۇنيانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىنىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ بوۋاقلارنىڭ مىجەزىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدا بىر ساغلام باغلىنىش مەۋجۇت بولغاندا، بوۋاق «بۇ دۇنيا بىر بىخەتەر جاي ئىكەن» دېگەن تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئىشەنچ تۇرغۇزۇش جەريانىنىڭ باشلىنىشىدۇر. بەزى ئانىلار قورسىقىدا بالا قالغان ۋاقىتتىن باشلاپلا بالا بىلەن بىر باغلىنىش ھاسىل قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ. بەزى ئانىلاردا بۇ خىل ھېسسىيات بالىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. دادىلاردا بۇ خىل جەريان ئانىلارغا قارىغاندا كېيىنرەك يۈز بېرىدۇ. دادىلار دوختۇرخانىغا ئايالى بىلەن بىللە بېرىش، قورساقتىكى بوۋاقنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق كۆرۈش ۋە بوۋاقنىڭ تەپكىنىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بوۋاق بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

لۇمىنار روسېننىڭ دېيىشىچە، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئاڭلىغان مۇزىكىنى تونۇيالايدۇ.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.



收藏 已赞