ئاياللار  قايسى ۋاقىتتا چاي ئىچسە بولمايدۇ؟

2015年03月21日 AUBAZAR澳洲购物



ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﮪﻪﻳﺰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﻪﻳﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﻪﻳﺰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻣﻮﻝ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﭘﺎﻟﻪﻙ ، ﺋﺎﻟﻤﺎ ، ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭼﺎﻱ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ٪30- ٪50 ﺗﺎﻧﻨﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯜﭼﻪﻳﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﺗﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ، ﺗﺎﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﭼﯚﻛﻤﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﺩﻩﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻱ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻓﻔﯧﺌﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ٪10ﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻘﺎﺕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯦﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﯩﭗ ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯧﯟﯨﺘﯩﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ، ﺑﯚﺭﯨﻜﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ . ﺑﻮﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﺷﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻛﻮﻓﻔﯧﻨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﻮﺷﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ، ﺗﻮﻟﻐﺎﻕ ﻛﯜﭼﻪﻳﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﺗﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺑﯘﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ، ﭼﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻧﻨﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺷﯩﻠﯩﻤﺸﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺕ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﭖ ، ﺳﯜﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭼﺎﻱ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻓﻔﯧﺌﯩﻦ ﺳﯜﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ .ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 45 ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﮪﻪﻳﺰﻯ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ ، ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﮪﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺶ ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ، ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﮪﻪﻳﺰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﮪﻪﻳﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ

收藏 已赞