*ﺳﯜﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. *ﺳﯜﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺗﯧﺮﻩ ﻛﯧﭙﻪﻛﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯜﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻟﯘ ﺋﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ،ﻳﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﻍ، ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻙ،ﺳﯘﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. * ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻓﯘﻧﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. * ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ 20ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﻳﯘﻳﯘﯞﻩﺗﺴﻪ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎ، ﻳﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﯗﻗﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. * ﺳﯜﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺗﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ. * ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﺳﯜﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺗﯧﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. * ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻛﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. * ﺑﯚﻟﺠﯜﺭﮔﻪﻧﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﺳﯜﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ 20ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﻳﯘﻳﯘﯞﻩﺗﺴﻪ ، ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ.