دادىسى باققان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق چوڭ بۇلىدۇ

2015年04月22日 AUBAZAR澳洲购物





ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ، ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ-ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺗﺎ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

1.ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺩﻩ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺷﺘﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﭘﯩﻼﻥ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺑﺎﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺧﻼﻕ-ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

2.ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺕ، ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.

3. ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﺎﻟﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻝ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯘﻕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

4.ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻡ، ﺗﻮﭘﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

5. ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﺑﯘ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﻳﺪﯗ.




收藏 已赞