ساغلاملىق دەستۇرى

2015年03月23日 AUBAZAR澳洲购物



ساغلاملىق بولسا ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى. ھەممە ئادەم ساغلام بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق كېسەللىك دائىم ئىنسانلارنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ. ساغلاملىققا كۆڭۈل بۈلۈشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك. تۆۋەندىكى ساقلىق بىلىملىرى ساقلىقىڭىزنىڭ كاپالىتى بولغۇسى:1. كېچىلىك غىزانى كۆپ يېيىش ئاشقازان راكىغا گىرىپتار قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان ياخشى ئارام ئالالمايدۇ.2. ھەپتىدە پەقەت 4 دانە تۇخۇم يېيىش، بەك كۆپ يېسە سالامەتلىككە پايدىسىز3. توخۇ قۇيرۇقى تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بار، شۇڭا ئۇنى يېمەسلىك سالامەتلىككە پايدىلىق4. تاماقتىن كېيىن مېۋە يېيىش خاتا قاراش بولۇپ، مېۋىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەك.5. ئاياللار ئادەت كۆرگەندە يېشىل چاي ئىچمەسلىك، چاي تۈرىدىكىلەرنى ئىچمەسلىك، قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش6. پۇرچاق سۈتى ئىچكەندە تۇخۇم ياكى قەنت قوشماسلىق، بەك كۆپ ئىچىۋالماسلىق كېرەك7. ئاچ قورساققا پەمىدۇر يېمەسلىك، تاماقتىن كېيىن يېيىش8. ئەتىگەندە ئويغانغاندا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ9. ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئۈچ سائەت ئىچىدە يېمەكلىك يېمەسلىك، بولمىسا سەمىرىپ كېتىدۇ10. سۈتلۈك چاينى ئاز ئىچىش. چۈنكى يۇقىرى ئېنىرگىيە، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىش يۇقىرى قان بېسىم ۋە قەنت سىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ11. يېڭىلا پىشقان بولكىنى دەرھال يېمەسلىك12. زەرەتلەش تاختىسىدىن يىراق تۇرۇش. ئادەم بەدىنى 30 سانتېمىتىر يىراقلىقتا بولۇش، كارۋات يېنىغا قويۇشتىن قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.13. ھەر كۈنى 8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىش14. ھەر كۈنى 10 ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە دوۋساق راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.15. كۈندۈزلىرى كۆپرەك سۇ ئىچىش، كەچلىرى ئازراق سۇ ئىچىش16. كۈندە بىر ئىستاكاندىن ئارتۇق سۇ ئىچمەسلىك، كۆپ ئىچىۋەتسە ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.17. مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش. چۈنكى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا 5-7 سائەتكىچە ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ ھەمدە مېڭىدىكى قان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان ئۈچەيگە يىغىلىۋېلىپ، خامۇش قىلىپ قويىدۇ.18. چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دىن كېيىن ئاز غىزالىنىش. چۈنكى 5تىن كېيىن ئادەم بەدىنى ئانچە كۆپ ئېنىرگىيەگە ئېتىياجىلىق بولمايدۇ.19. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا دۆتلىشىپ قالىدۇ. كۈندە چوقۇم 8 سائەت ئۇخلاش، ئەگەر ئۇخلاش ئادىتى بولسا قېرىمايدۇ.20. ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە بولىدۇ. 21. ھەر كۈندىكى ھاراق مىقدارى بىر ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتكەندە ئىسپىرىت ئادەم بەدىنىدىكى B ھۈجەيرىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋىروستىن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.22. كاپسۇل ئىستېمال قىلغاندا، سوغۇق سۇ بىلەن يۇتۇش، ئۇخلاشتىن 30 مىنۇت ئىلگىرى يېيىش، يەپ بولۇپلا دەرھال يېتىۋېلىش23. قارائۆرۈكنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. جىگىرىدە كېسىلى بارلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.24. چىش چۈشۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى: تۈنەش، بېسىم، ھاراق – تاماكا، ئاچچىق- چۈچۈك يېمەكلىك، مايلىك يېمەكلىك، ئارتۇق مىقداردىكى تەم تەڭشىگۈچ ئىشلىتىلگەن تېتىتقۇ.25. چاچ ئۆسۈشكە ياردەم بېرىدىغان يېمەكلىكلەر: كاللەكبەسەينى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش.26. ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ئاپلىسىن شەربىتى ئىچىپ بەرسە، تېرىنى ئاقارتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قارا پىگمېنتنى سۇسلاشتۇرىدۇ.27. ئالما بولسا مىخانىك ئىشچىلىرى، ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى. ھەر كۈنى بىر تال ئالما يەپ بەرسە ئۆپكە تازلىنىدۇ.28. تاماكا چىكىش ھەم ۋىتامىن يېيىش راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ29. خانىم – قىزلار چاي ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغان 5 مەزگىل: ئادەت كۆرگەندە، تۇغۇتلۇق مەزگىلدە، تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا، يەڭگىلگەندىن كېيىن، ھەيز مەزگىلىدە چاي ئىچمەسلىك كېرەك.30. تاماكا چىكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر: ئۆپكە راكى، كالپۇك راكى، تىل راكى، كېكىردەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە دوۋساق راك31. ھاراق ئىچىش جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىگەر راكىنى پەيدا قىلىدۇ.32. سىنارى يېيىش ئېغىز بوشلۇقى تالالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىز بوشلۇقى راكى پەيدا قىلىدۇ.33. يېمەكلىك ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، تالا كەمچىل بولۇش، كۆپ مىقداردىكى ماي، بولۇپمۇ خولىستېرىن راكنى پەيدا قىلىدۇ.34. يېمەكلىك ھەددىدىن زىيادە يېرىك بولسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان راكى پەيدا قىلىدۇ.35. يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئافلاتوكسىن، نىتروئوس كىسلاتا تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ راك پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى پەيدا قىلىدۇ.36. تاماكا چەكمەسلىك37. ھاراق ئىچمەسلىك38. چىلانغان ئاش تۇزى، سۈرلەنگەن ۋە قاقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش39. ھەر كۈنى يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئىستېمال قىلىش40. ھەر كۈنى يۇقىرى تالالىق باشاقلىق ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش41. ھەر كۈنى يېمەكلىكلەرنى تەڭپۇڭ ئىستېمال قىلىش، مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك42. توغرا بولغان ئىستېمال ئادىتى: ئەتىگەندە پادىشاھتەك، چۈشتە ئاۋامچە، كەچتە تىلەمچىدەك غىزالىنىش.

ساغلاملىق بىلىملىرى قامۇسدىن ئېلىدى(ئامانگۈل تۇرسۇن تەرجىمىسى)



收藏 已赞