ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ. ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺷﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺷﻘﺎﻥ ﺩﯦﺌﺎﺑﯧﺖ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ؛ ﻛﺎﻟﯩﺘﺴﯩﻲ ﯞﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯧﻦ D ﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﻳﯘﻣﺸﺎﺵ (ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺷﺎﻻﯕﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ)، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ، ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ؛ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﮪﺎﻣﯩﻠﻪ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺑﻮﺷﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﻴﺎﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ؛ ﺑﻮﺷﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺳﯜﺕ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ: ﻣﺎﻳﺴﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﺋﺎﺯ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩدە1.ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ؛2. ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﻪﻻ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ 3، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯧﺘﻮﻥ ﺟﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ؛4.ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﺎﻟﯩﺘﺴﯩﻲ، ﻓﻮﺳﻔﻮﺭ، ﺳﯩﻨﯩﻚ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛5.ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﯞﯨﺘﺎﻣﯧﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ B ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯧﻨﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛6.ﻳﯧﯖﻰ، ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﻩ – ﭼﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻳﻪﭖ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻛﯚﭘﯜﺵ ﯞﻩ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ. ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ: ﺋﻪﻻ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﺯﮔىلىدە1.ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ؛2. ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛3.ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻱ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ 25 - 30 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛4.ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﺎﻟﯩﺘﺴﯩﻲ، ﻓﻮﺳﻔﻮﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ؛5.ﯞﯨﺘﺎﻣﯧﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ B12 ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛6. ﻣﺎﻳﺴﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﻧﺎﺗﺮﯨﻲ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺶ. ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ: ﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﯕﻴﯘ، ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ، ﻗﯘﺵ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ1.ﺑﯘ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﮪﺎﻣﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﻻ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ؛ 2.ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﺎﻱ، ﺷﯧﻜﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ؛ 3.ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻨﯩﯔ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ؛ 4.ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺵ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ؛5. ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯧﻨﻨﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﯞﯨﺘﺎﻣﯧﻦB1 ﻧﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻪﯕﮕﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﺵ؛ 6.ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﻮﻳﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﻱ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﭖ، ﮪﺎﻣﯩﻠﻪ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ.