سۈت پاراشۇكى ئشلىتىۋاتقان ئانىلار دىققەت

2015年03月19日 AUBAZAR澳洲购物





مېدىتسىنا ئالىملىرى تەتقىقات ئارقىلىق ئانا سۈتىنىڭ بالىلارنى پەرۋىش قىلىشقا قارىتا، ئىلگىرى كىشىلەرگە نامەلۇم بولغان بىر نەچچە خىل رولىنى بايقىغان. ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:1.ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. بوۋاقلار ئادەتتە ئانا سۈتىنى ئەمگەندىن كېيىن تېزلا ئۇخلاپ قالىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئانا سۈتىدە مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش ېولىغا ئىگە تەبئىي ماددىلار بولغانلىقىدا ئىكەن2.ئۆسۈشنى تېزلىتىدۇ. ئانا سۈتىگە بىر خىل ئۆستۈرۈش ئامىلى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ بوۋاقلارنىڭ ئىچكى ئورگانىزمىدىكى ماددا ئالمىشىش ۋە ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېزلىتىدىكەن.3.پارازىت قۇرتلارنى يوقىتىدۇ. ئانا سۈتىدە زور مىقداردا بالىلارنىڭ ئۈچىيىدىكى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيەلەرنى يوقاتقۇچى ماددىلار بار ئىكەن.4.قەنت سىيىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېڭى نۇقتىئىنەزەر شۇنداق ھېسابلايدۇكى، قەنت سىيىش كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى مەلۇم كېسەل مىكروبلىرىدىن يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئانا سۈتىدە ئانتېتلار ئىممونىتېتى، ئاقسىل قاتارلىقلار بولغاچقا، ئۇ بالىلار ئۈچۈن خېلىلا كۈچلۈك كېسەلگە قارشى كۈچ ھازىرلاپ بېرىدىكەن5.تاجىسىمان قان تومۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بارغانسېرى ئازىيىپ بارىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالا كۆپلەپ مىش ماددىسىغا ئىگە بولىدىكەن. بۇ نازۇك يۈرەك قان تومۇرنى ئاسراپ قېلىشقا ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.

لىكىن نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى ياش ئانىلار باللىرىنى سۈت پاراشوكلىرىغا زورلاشقا مەجبۇر بولدى ،ئەمما نەچچە يىل مابەينىدە يۈزبەرگەن سۈت پاراشوكلىرى ۋەقەسى نۇرغۇن ئانىلارنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا ئەمما ئاۋىستىرالىيەدىن بىۋاستە كىرگۈزىلگەن بۇ سۈپەتلىك سۈت پاراشوكلىرى ،سىزنى غەمدىن خالاس قىلغۇسى .تۆۋەندە بوۋاقلارغا سۈت پاراشوگى بەرگەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار توغرۇلۇق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن


بوۋاقلارغا سۈت پاراشوگى بەرگەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئانا سۈتى 1 يېرىم ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىش شارائىتى بار ئاياللار، ۋە ئانا سۈتى يىتىشكەن ئانىلار چوقۇم بوۋاقنى 1 يېرىم ياشقىچە، ھەتتا 2 ياشقىچە ئىمىتسە بالا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولىدۇ. پەقەت ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىش شارائىتى يوق ئاياللار، ۋە ئانا سۈتى يىتىشمىگەن ئانىلار بالىنى بوۋاقلار سۈت پاراشوگى بىلەن باقسا بولىدۇ.

بوۋاقلار سۈت پاراشوگى سىتىۋالغاندا چوقۇم قۇتىسىدا چۈشەندۈرۈشى ئېنىق، ئۆلچەملىك قوشۇقى بار ماركىنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن قۇتىسىدا چوقۇم قانچە ئايلىق بالىغا قانچە قوشۇق بېرىش كىرەك، ھەر بىر قوشۇق سۈت پاراشوكىنى قانچە مىللىلىتىر سۇدا تەڭشەش دىگەن ئۇچۇرلار ئېنىق يېزىلغان بولىشى كېرەك. خەنزۇچە ياكى چەتئەل تىلى بىلمەيدىغانلار چوقۇم تىل بىلىدىغانلارغا تەرجىمە قىلغۇزۇپ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.ئۇنىڭدىن سىرت چوقۇم سۈت پاراشوگىنىڭ ئىچىدە ئۆلچەملىك قوشۇق بولىشى كېرەك. قوشۇقنى ئايرىم تەمىنلەيدىغان سۈت پاراشوگىنى ئالماڭ، چۈنكى قوشۇقنىڭ ئۆلچەملىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.بوۋاقلار سۈت پاراشوگىنى تەڭشىگەندە چوقۇم قويۇقلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. ئانا سۈتىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغاندەك، سۈت پاراشوگىمۇ چوقۇم چۈشەندۇرۇشى بويىچە مۇقىم قويۇقلۇقتا تەڭشىلىشى كېرەك. سۇيۇق بولۇپ قالغاندا بوۋاققا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ، قويۇق بولۇپ قالغاندا بوۋاقنىڭ قوسىقىنى بىئارام قىلىدۇ، ئىچىنى سۈرىدۇ، ياكى قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.ئاۋال چۈشەندۈرۈشى بويىچە مۇۋاپىق مىقداردا يىلمان سۇ تەييارلاپ، لازىملىق قوشۇق سانىدىكى سۈت پاراشوگىنى سېلىپ تەڭشەيسىز. ھەرگىزمۇ ئاۋال سۈت پاراشوگىنى سىلىپ ئاندىن سۇ قاتمايسىز. مەسىلەن 3 قوشۇق سۈت پاراشوگىنى 90 مىللىلىتىر سۇ بىلەن تەڭشىمەكچى بولسىڭىز، ئاۋال سوسكىغا 90 مىللىلىتىر يىلمان سۇ قۇيۇپ ئاندىن 3 قوشۇق سۈت پاراشوگى سالىسىز. بۇنداق تەڭشەلگەن سۈت پاراشوگىنىڭ مىقدارى 100 مىللىمىتىر ئەتراپىدا چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاۋال 3 قوشۇق سۈت پاراشوگىنى سېلىپ ئاندىن ئىلمان سۇ قۇيۇپ 90 مىللىلىتىرغىچە تەڭشىسىڭىز بۇنداق تەڭشەلگەن سۈت پاراشوگى قويۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سۈت پاراشوگىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرىلىشى ياخشى بولمايدۇ، بالىدا ئاسانلا سۇسىزلىنىش ۋە ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.ھەرگىزمۇ قايناقسۇدا سۈت پاراشوگى تەڭشىمەيسىز، چۈنكى سۇ بەك قىززىق بولۇپ كەتكەندە سۈت پاراشوگىدا خىمىيەلىك رىئاكسىيە پەيدا بولۇپ ئوزۇقلۇق تەركىۋى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.ئۆلچەملىك قوشۇقتا سۈت پاراشوگى ئالغاندە چوقۇم دۆڭ ياكى ئورچەك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئادەتتە قوشۇقتا دۆۋىلەپ ئىلىپ ئۈستىدىن ئارتۇق قىسمىنى سىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ. دۆڭ بولۇپ قالسا قويۇق بولۇپ قالىدۇ، ئورچەك بولۇپ قالسا سۇيۇق بولۇپ قالىدۇ.چوقۇم قۇتىسىدا مىللىلىتىر سانى توغرا بولغان ئۆلچەملىك سوسكا ئىشلىتىڭ، بولمىسا قانچىلىك سۇ قاتقىنىڭىز توغرا بولمايدۇ. قوشۇقنىڭمۇ سۈت پاراشوگىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئۆلچەملىك قوشۇق ئىشلىتىڭ. ھەرگىزمۇ مىللىلىتىر سانى بولمىغان سوسكا تاماق يەيدىغان قوشۇق ئىشلىتىپ بوۋاققا سۈت پاراشوگى تەڭشىمەڭ (بۇنداق قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس).

تازىلىققا دىققەت قىلىڭ. سوسكا ۋە ئىمىزگىنى چوقۇم پاكىز يۇيۇپ قايناقسۇدا چايقىغاندىن كىيىن ئىشلىتىڭ. قول تازىلىقىڭىزغىمۇ دىققەت قىلىپ قول يۇيۇپ تەڭشەڭ.تەڭشەلگەن سۈت پاراشوگى ئىشىپ قالسا 2 سائەتتىن كىيىن چوقۇم بالىغا بەرمەڭ. چۈنكى تەڭشەش ۋە ئىمىش جەريانىدا بۇلغانغان سۈت بالىنى ئاغرىتىپ قويىدۇ.

ئىسىڭىزدە بولسۇن، سۈت پاراشوگى بىلەن بېقىلغان بالىلار 2 ۋاخ سۈت پاراشوگىنىڭ ئارىلىقىدا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىشى كېرەك، بولمىسا بەدەندە سۇ يېتىشمەي قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، ياكى سۇسىزلىنىپ قالىدۇ.

ئادەتتە 1 ياشتىن كىيىن بالىغا كالا سۈتى بەرسىڭىز مۇۋاپىق، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بەرسىڭىز ئوزۇقلۇق مىقدارى بالىغا ماس كەلمەيدۇ.




收藏 已赞