ھاياتتىكى بىر ئۆمۈر بىلىشكە تىگىشلىك 10چوڭ ساۋاق

2015年04月08日 AUBAZAR澳洲购物




1، تاشپاقا يەردىكى

چاغدا توشقاندىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ، لېكىن سۇدا چوقۇم توشقاندىن تېز

ئۈزىدۇ.

___ئورنىڭىزنى خاتا

تاللىۋالماڭ.

2، قاغا بۈركۈتنى

دوراپ قوي تۇتماقچى بولۇپتۇ، ئاقىۋەتتە تىرنىقى قوينىڭ يۇڭىغا ئىلىشىپ قېلىپ پادىچى

تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىنىپتۇ.

_____قۇشنىڭ ھەممىسى

بۈركۈت ئەمەس، ئۆزىڭىزنى تونۇغاندىلا سىز ئۇزاق ياشىيالايسىز.

3، بىر كۈنى چۈمۈلە

بىلەن پىل كۈچ سىنىشىپتۇ، چۈمۈلە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى ئۆزىدىن يۈز

ھەسسە كېلىدىغان نەرسىنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بۇ ۋاقىتتا پىل ئۈستىدىكى

توپىلارنى قېقىپتىكەن، چۈمۈلىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.

_____باشقىلار بىلەن

بەسلەشكەندە ئۆزىڭىزنىڭ چاغلاڭ، بولمىسا بەك ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتىسىز.

4، ئات قۇملۇقتا

تۆگىگە ئۇچراپتۇ، ئات تۆگىنىڭ دۈمبىسىنى مەسخىرە قىلىپ:« ئاداش، سېنىڭ دۈمبەڭ بەكلا

سەت ئىكەن» دەپتۇ، تۆگنىڭ كارى بولماي يولىنى داۋام قىلىپتۇ. ئاخىرىدا تۆگە

قۇملۇقتىن چىقىپتۇ، لېكىن ئات چىقالماپتۇ، ئاتنىڭ جەسىتىگە قاراپ تۆگە كۈلۈپ كىتىپتۇ.

_______باشقىلارنىڭ

سىرتقى قىياپىتىنى مەسخىرە قىلماڭ، بولمىسا بىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ مەسخىرىسگە

قالىسىز.

5، بىر توشقان بولۇپ

،ئۇ بەك ھورۇن ئىكەن، داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتنى يەيدىكەن،

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوۋچى تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىنىپتۇ.

____ئۇۋىڭىزنىڭ

ئەتراپىدىكى ئوتنى يىگەندە بەكرەك ئويلىشىڭ، يىيەلىسىڭىز يەڭ، يىيەلمىسىڭىز ئەڭ

ياخشىسى يىمەڭ.

6، ئورمانلىقتا

گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپتۇ، توز بىرىنچى بولۇپ تىزىملىتىپتۇ ۋە مەن

چوقۇم چىمپىيون بولىمەن دەپ ئويلاپتۇ، نەتىجىدە ئۇ دەسلەپكى مۇسابىقىدىنمۇ ئۆتەلمەپتۇ.توز ناھايىتى ئاچچىقلىنىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۆچكىنى ئىزدەپتۇ ،ئۆچكە :

:« توز سەن گەرچە قانىتىڭنى يايغاندا ناھايىتى چىرايلىق بولساڭمۇ لېكىن كاسساڭنى ئوچۇق قويىدىكەنسەن دەپتۇ ،

توز خىجىل بولۇپ كېتىپ قاپتۇ.

____ئەينەككە

قارىغاندا ئالدىڭىزغىلا قارىماي، ئارقىڭىزغىمۇ قاراپ قويۇڭ.

7، ياز ناھايىتى

ئىسسىق بولۇپ، تاغىل ئات دەريا بويىغا سۇ ئىچىشكە بېرىپتۇ، ھەمدە شۇ كالىسىنىڭ

دەريادا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىچىدە ئويلاپتۇ، ئوينىيالايدىكەن ،نىمىشقا مەن ئوينىيالمىغىدەكمەن ؟شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۇغا

سەكرەپتۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا تىمساق ئۇنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.

_______ئەمەلىي

كۈچىڭىز بولمىسا ئوينىماڭ، يېڭىلىپ قالىسىز.

8، بىر ئۆردەك

ئاققۇنىڭ كۆكتە ناھايىتى ئەركىن ئۇچۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ھەمدە ئۆزىنى

ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ مەندىمۇ ھېچنىمە كەم ئەمەسقۇ دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن

بىر تىك قىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ سەكرەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخى قاناتلىرىنى يېيىشكە

ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا چۈشۈپ كېتىپتۇ.

______تەييارلىقىڭىز

پۈتمەي تۇرۇپ نامەلۇم ساھەنى سىنايمەن دەپ ئويلىماڭ.

9، شىر يولۋاسنى

ئوۋغا تەكلىپ قىلىپتۇ، ھەمدە ئوۋنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلىپتۇ، يولۋاس

ئويلاپ بېقىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپتۇ. تاغ باغرىغا كەلگەندە شىر يولۋاسنىڭ يولىنى توسۇۋىلىپ ئۇنى يەۋىتىپتۇ.

__________كۈچلۈك

دۈشمەن بىلەن ھەمكارلاشقاندا چوقۇم چېكىنىش يولىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ.

10، بىر تاشپاقا

قۇملۇقتا ئاپتاپسىنىپ ياتسا بىر قېرى بۈركۈت كېلىپتۇ، تاشپاقا ئۆزىچە مېنىڭ قېپىم

ناھايىتى مۇستەھكەم، بۇ قېرى بۈركۈت مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ.

نەتىجىدە بۈركۈت تاشپاقىنى تۇتۇۋىلىپ ئىگىز كۆتۈرۈلۈپ ،بىر تاشلىقتىن ئۆتكەندە ئۇنى يەرگە تاشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاشپاقىنىڭ ئۈچەي-باغرى چۇۋۇلۇپ كېتىپتۇ.

_________ئۆزىڭىزگە

ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، سىزنى باشقۇرالايدىغان ئادەمنىڭ ئويلايدىغىنى

سىزدىن كۆپ بۇلىدۇ .



收藏 已赞